باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«چىۋەر قول ئارقىلىق بېيىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» تەربىيەلەش پائاليىتى ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

2017.03.28 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ پاۋانلا كەنتىگە چۈشكەن 4-تۈركۈمدىكى «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مەدەنىيەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ئاممىغا ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان ئۇسۇل-چارىلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي مەدەنىيەت ۋارىسلىرىنى كەنتكە تەكلىپ قىلىپ، «چىۋەر قول ئارقىلىق بېيىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» قەغەز قىيما سەنئىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، كەنت ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ھۆرىگۈل ئابدۇخالىق ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىزچىل ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ كەنتتە ئېچىلغان تەربىيەلەش كۇرسىغا ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملىتىپ، كۇرستا ئەستايەدىللىق بىلەن ئۆگىنىپ، قەغەز قىيما سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچىگە مەپتۇن بولۇپ قالدى. ھۆرىگۈل ئابدۇخالىق مۇنداق دېدى: مەن ئېرىمدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، قىلىدىغان ئىشىمنىڭ تاينى يوق، ئائىلىدە زېرىكىپ ئولتۇرغان ئىدىم. كۇرسقا قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي مەدەنىيەت ۋارىسلىرىنىڭ قىزىقارلىق دەرسىنى ئاڭلاپ، قەغەز قىيما سەنئىتىگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاپ قالدىم. مەن بۇ كەسىپنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، مەنىۋىيىتىمنى بېيىتىپ، نامراتلىقتىن تەلتۈكۈس قۇتۇلۇپ كېتىمەن.

  يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ پاۋانلا كەنتىدە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى بىر قەدەر كۆپ، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ كۆپىنىچىسى ئۆيىدە بىكار بولۇپ، قىلىدىغانغا ئىشى بولمىغاچقا، كىرىم مەنبەسى يوق ئىدى. «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ، كەنتنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلدى ۋە تەدرىجىي زورايدى. ئۇلار مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ئەۋزەلىكىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىگە بېيىش يولى تېپىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر