باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ 125 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى

2017.03.28 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى يېقىندا «تەرەتداننىڭ سۇ ئۈنۈمى چەك قىممىتى ۋە سۇ ئۈنۈمى دەرىجىسى» قاتارلىق 125 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمىنى تەستىقلاپ ئېلان قىلدى. يېڭى ئېلان قىلىنغان ئۆلچەم ئاساسلىقى ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش، ئۈن-سىننى نازارەت قىلىش، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، سانائەت تورى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئېنېرگىيە تېجەش-مۇھىت ئاسراش جەھەتتە، «تەرەتداننىڭ سۇ ئۈنۈمى چەك قىممىتى ۋە سۇ ئۈنۈمى دەرىجىسى»دىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى تەرەتداننىڭ سۇ ئۈنۈمى چەك قىممىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يۇيۇش سۇ مىقدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتىنى توققۇزدىن سەككىزگە چۈشۈردى، ئوتتۇرىچە سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى 7.2 لىتىردىن 6.4 لىتىرغا چۈشۈردى. بۇ ئۆلچەمنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن تەخمىنەن %20 ئەتراپىدىكى قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى شاللىنىپ، يىلدا مۆلچەر بويىچە 40 مىليون تەرەتدان سېتىلسا، 120 مىليون توننا سۇنى تېجىگىلى بولىدۇ.

  جەمئىيەت ئامانلىقى جەھەتتە، « جامائەت بىخەتەرلىكىنى ئېكرانلىق نازارەت قىلىشنىڭ رەقەملىك ئۈن-سىن كودىنى يېشىش تېخنىكىسى تەلىپى»( SVAC) ئېلىمىزنىڭ جامائەت بىخەتەرلىكىنى ئېكرانلىق نازارەت قىلىش ساھەسىدىكى يادرولۇق ئۆلچەملەرنىڭ بىرى بولۇپ، جامائەت بىخەتەرلىكىنى ئېكرانلىق نازارەت قىلىشتا ئىشلىتىدىغان رەقەملىك ئۈن-سىن پىرېسلانغان كودىنى يېشىش جەريانى بەلگىلەندى، بۇ ئەمىن جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زەربە بېرىش، شەھەر-يېزىلارنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جامائەت مۇلازىمىتى جەھەتتە، «جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئومۇمىي پىرىنسىپى» مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈش، ئادەمنى ئاساس قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تۈزۈمى، مۇلازىمەت ئۇسۇلى، مۇلازىمەت سورۇنى، ئۈسكۈنە-ئەسلىھە جەھەتلەردىكى ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىش ھالقىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر