باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە تېررورلۇق ھۇجۇمى گۇماندارىنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى

2017.03.28 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە ساقچىلىرى 24-مارت لوندون تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارى خالىد مەسئۇدنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى مۇھىم گۇماندارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» لوندوندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەنگلىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تارماقلىرى خالىد مەسئۇدنىڭ مۇستەقىل دېلو سادىر قىلغان ياكى باشقىلار ئۇنى قۇتراتقانلىقى، باشقىلارنىڭ ياردەملەشكەنلىكىنى تەكشۈرمەكتە.

  ساقچىلار لوندوننىڭ ئەتراپىدىكى 21 جاينى كېچىلەپ ئاختۇرغاندىن كېيىن ئىككى گۇماندارنى قولغا چۈشۈردى. ئۇنىڭ بىرى 27 ياش، يەنە بىرى 35 ياش، بېرمىڭھام ۋە مانچىستردا قولغا چۈشۈرۈلدى. ئەنگلىيە ساقچىلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مارك روللى بۇ ئىككىيلەننى قولغا چۈشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم، دېدى.

  بۇندىن بۇرۇن ساقچىلار تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشقا تەييارلىنىشقا چېتىشلىق 11 كىشىنى سوراق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇ ئىككىيلەننى قولغا چۈشۈرگەن. ھازىر بۇ 11 كىشىنىڭ بىرى يەنىلا قاماقتا، قالغان ئونى قويۇپ بېرىلگەن.

  مارك روللى مۇنداق دېدى: ساقچىلار خالىد مەسئۇدنىڭ تەرجىمىھالىنى كۆردى ھەمدە باشقىلاردىن ئۇنىڭغا دائىر ئەھۋاللارنى ئىگەللىدى، ئۇنىڭ مەقسىتى، ھەرىكەتنى پىلانلاش، قوزغاش جەريانى، ياردەمچىسى بار-يوقلىقىنى بالدۇرراق بىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  خالىد مەسئۇدنىڭ جىنايى ئىشلار جىنايەت خاتىرىسى بولسىمۇ، لېكىن تېررورلۇق جىنايىتىگە چېتىلغان خاتىرىسى يوق. تەخمىنەن بەش يىل بۇرۇن، قىسقا بىر مەزگىل ئەنگلىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، يەنى ھەربىي ئاخبارات بەشىنچى باشقارمىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولغان.

  ساقچىلار خالىد مەسئۇدنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى. بۇ سۈرەتتە خالىد مەسئۇد تاقىرباش بولۇپ، ساقال قويۇۋالغان.

  بۇندىن باشقا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى شۇ كۈنى: بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا خىزمەت قىلغان خالىد مەسئۇدنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا جىنايەت خاتىرىسى يوق، خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ دېققىتىنىمۇ قوزغىمىغان، دېدى.

  شۇ كۈنى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت ئىككىنچى دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندا خالىد مەسئۇد يارىلاندۇرغان ساقچىنى قۇتقۇزغان پارلامېنت ئەزاسى توبىياس ئېلۋۇدنى مۇكاپاتلىدى.

  خالىد مەسئۇد سادىر قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى 2005-يىلى لوندون مېتروسى پارتلاش دېلوسى يۈز بەرگەندىن بۇيان ئەنگلىيەدە يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يېتىم ئەڭ ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى. 22-مارت، خالىد مەسئۇد ئاپتوموبىل ھەيدەپ ۋەستمىنىستىر كۆۋرۈكىدە پىيادىلەرنى سوققان، ئارقىدىن ئاپتوموبىلنى تاشلاپ پارلامېنت سارىيىغا بېرىپ، پارلامېنتنى قوغداۋاتقان ساقچى كېيىت پالمېرنىڭ دۈمبىسىگە پىچاق تىققان، ئارقىدىن ساقچىلار ئۇنى ئېتىۋەتكەن.

  نەق مەيداندىكى توبىياس ئېلۋۇد كېيىت پالمېرنى قۇتقۇزغان، ئەمما كېيىت پالمېر قان بەك كۆپ ئېقىپ كەتكەچكە، نەق مەيداندا قازا قىلغان. توبىياس ئېلۋۇدنىڭ يۈزلىرى ۋە قوللىرى قانغا بويالغان، كېيىت پالمېرنى قۇتقۇزالمىغانلىقتىن چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ھالىتىنى بىر مۇخبىر سۈرەتكە تارتىۋالغان، توبىياس ئېلۋۇد نۇرغۇن ماختاشلارغا ئېرىشكەن.

  ئەنگلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى 24-مارت مۇنداق دېدى: توبىياس ئېلۋۇدنى ئايال پادىشاھ ئىلزابىت ئىككىنچى مۇكاپاتلىدى. نەق مەيداندىكى ئىپادىسى ياخشى يەنە بىر پارلامېنت ئەزاسى بېن ۋاللاسمۇ زوراغاللىق مەھكىمىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى. زوراغاللىق مەھكىمىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئادەتتە نوپۇزلۇق سىياسىيونلار، سوتچىلار ۋە باش روھانىلار.

  51 ياشقا كىرگەن توبىياس ئېلۋۇد بۇرۇن ئەنگلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سىتارشى لېيتېنانتى بولغان، ھازىر مۇتئەسىپلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى. توبىياس ئېلۋۇدنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇرۇن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. 2002-يىلى، ئۇنىڭ ئىنىسى جوناتان ئېلۋۇد ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋەقەسىدە قازا قىلغان.

  توبىياس ئېلۋۇدنىڭ ئادەم قۇتقۇزىۋاتقان سۈرىتى ئۇنىڭغا شەرەپ ئاتا قىلدى، ئەمما بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ توردا تارقىلىپ يۈرگەن يەنە بىر سۈرىتى ئۇقۇشماسلىق ۋە ئىغۋا پەيدا قىلدى. سۈرەتتە بىر ئايال كۆۋرۈكتە ياتقان يارىدارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، بىر قولىدا يان تېلېفون كۆتۈرۈۋالغان، يەنە بىر قولىنى يۈزىگە قويۇۋالغان، چىراي ئىپادىسى ئانچە روشەن ئەمەس.

  بەزى تورداشلار بۇ ئايالنى يارىدار بىلەن كارى بولمىدى، بەك رەھىمسىزلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى. 24-مارت، بۇ ئايال بايانات ئېلان قىلىپ جاۋاب قايتۇرۇپ، مەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى كۆرۈپ بەك ئېچىندىم، قورقتىم، ئەندىشە قىلدىم، ئەمما «كىيىمىم سەۋەبىدىنلا بەزى كىشىلەر ئۆچمەنلىك ۋە چەتكە قېقىش پىسخىكىسى بىلەن مەن توغرىسىدا مۇشۇنداق ھۆكۈم چىقاردى، سۈرەتتە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن باشقا كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقىنىم، يارىدارلارغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلغىنىم، بىر ئايالنى يۆلەپ مېترو بېكىتىگە ئاپىرىپ قويغىنىم چىقماپتۇ، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: سۈرەتتە مەن ئانامغا تېلېفون ئۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئامان ئېسەن ئىكەنلىكىمنى، ئىش ئورنۇمدىن ئۆيگە كېتىۋاتقانلىقىمنى دەۋاتقان ئىدىم.

  بۇ سۈرەتنى تارتقۇچى، فوتوگراف جامى رولمانمۇ ئۇنى ئاقلاپ، ئەينى چاغدا ئۇ بەك قورقۇپ كەتكەن، ئازابلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى، دېدى. بۇندىن باشقا، كىشىلەر ئۇنىڭ نەق مەيداندىكى يەنە بىر سۈرىتىنى تېپىپ ئۇنى ئاقلىدى. ئۇ بۇ سۈرەتتە كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ بولغان بولۇپ، چىرايىدىن ئېنىق قورقۇنچ ۋە ئازاب چىقىپ تۇراتتى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر