باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نورۇز ـــ ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈك بايرىمى

2017.03.28 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر خەۋىرى) يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى ۋە ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدىن ئاقسۇ شەھىرى قىزىلكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللەسىگە چۈشكەن « ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مەھەللە كومتېتى بىلەن بىرلىكتە نورۇز پائالىيىتى ئويۇشتۇرۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەت، تۇخا ، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، ئارقان تارتىشىش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش قاتارلىق كۆپ خىل تېمىدىكى مول مەزمۇنلۇق مەنىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى .

  پائالىيەت ئاخىرىدا نۇرۇز ئېشى تارتىلىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان 350دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسى بىرلىكتە غىزالاندى. مەھەللە كومتېتى كادىرلىرى ۋە «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى قوشماق تۇققانلىرى بىلەن بىرلىكتە غىزالىنىپ ، ئۆزئارا كۆڭۈل سوۋغىسى تەقدىم قىلىشتى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر