باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئاۋسترالىيەدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارغا سۆز قىلىپ، جۇڭگو–ئاۋسترالىيە ھەمكارلىقىدا ۋاسىتە، ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك، دوستلۇقىدىكى ئەلچى بولۇڭلار، دېدى

2017.03.28 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 25-مارت كەچتە، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ۋە خانىمى چېڭ خۇڭ ئاۋسترالىيەدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى.

  150 يىللىق تارىخقا ئىگە سىدنېي شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسى شۇ كۈنى كەچتە جۇڭگوچە قىزىللىققا پۈركۈنۈپ، لەرزان مۇزىكا چېلىنىپ، جاراڭلىق دۇمباق ئاۋازى ياڭراپ، شادلىق ئىچىدە شوخ شىر ئۇسسۇلى ئوينالدى. زۇڭلى لى كېچياڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يېتىپ بارغاندا، كىشىلەر تۇشمۇ-تۇشتىن زالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، زۇڭلى ۋە ئۇنىڭ خانىمىنى قىزغىن چاۋاكلار بىلەن كۈتۈۋالدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ھازىرمۇ ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە ناھايىتى ئۇزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ ھەرقايسى جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلارغا بەكرەك ئېھتىياجلىق. ئاۋسترالىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۆلەت ئىچىگە قايتىپ، مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشىنى، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن كۆپ خىل شەكىل بىلەن ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇشىنى، كۆپچىلىكنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو- ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو - ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋە جۇڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە دوستلۇقىدىكى ئەلچى بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

  زۇڭلىنىڭ سۆزى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئۇزاق ۋە قىزغىن چېلىنغان چاۋاك ئاۋازى سىدنېي شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسى ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر «يۈز يىللىق خاتىرە سارىيى» ئىچىدە خېلىغىچە ياڭرىدى. كەچلىك زىياپەت شوخ، جۇشقۇن «ۋەتەنگە مەدھىيە» مېلودىيە ساداسى ئىچىدە ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر