باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆي ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققى قاتارلىق 41 تۈرلۈك مەمۇرىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش توختىتىلىدۇ

2017.03.29 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كارخانا ۋە شەخسنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يەڭگىللىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىشىپ «بىر تۈركۈم مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى رەتلەپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۆي ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققى، كېمىلەرنى تىزىملاش ھەققى، تويلىشىشنى تىزىملاش ھەققى قاتارلىق مەركەز تەسىس قىلغان 41 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى توختىتىش، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ھەق ئۆلچىمىنى %50 تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى.

  ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ياكى توختىتىلىدىغان 41 تۈرلۈك ھەق ئېلىش ئىچىدە، شەخسكە چېتىلىدىغان ھەق ئېلىش تۈرىدىن ئالتىسى بولۇپ، تويلىشىشنى تىزىملاش ھەققى، بېقىۋېلىشنى تىزىملاش ھەققى ۋە ھۆكۈمەت ئاشكارا ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشنى ئىلتىماس قىلغاندىكى ئىزدەش ھەققى، نۇسخىلاش ھەققى، پوچتا ھەققى ئېلىشنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كارخانىغا چېتىلىدىغان ھەق ئېلىش تۈرىدىن 35ى بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەنە قويۇشنى تىزىملاش ھەققى، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ھەققى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆي ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققى قاتارلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىنىڭ تازىلىق تەكشۈرۈش ھەققى، سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىش ھەققى، يېمەكلىك-دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ دورا تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىقلارنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر