باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گو شېڭكۈن چېگرا ھالقىغان توردا قىمار ئويناش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەربە بېرىش، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى

2017.03.29 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى گو شېڭكۈن تۈنۈگۈن بېيجىڭدا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، چېگرا ھالقىغان توردا قىمار ئويناش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەربە بېرىش، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان چېگرا ھالقىغان توردا قىمار ئويناش مەسىلىسىگە قارىتا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا ھالقىغان توردا قىمار ئويناش قىلمىشلىرىنىڭ يامراپ ۋەزىيتىنى قەتئىي توسۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتىۋېلىش كېرەك.

  گو شېڭكۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: زەربە بېرىپ، تۈزەشنى كۈچەيتىپ ، بىر تۈركۈم چېگرا ھالقىغان توردا قىمار ئويناش جىنايەت گۇرۇھلىرىغا مەركەزلىك زەربە بېرىش، قىمارغا چېتىشلىق قانۇنسىز ئەمگەك ۋاسىتىچىلىقى ۋە چېگرا سىرتىدىكى قىمارخانىلارغا مەبلەغ سېلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ساياھەتچىلەرنى چېگرا سىرتىدىكى قىمارخانىلاردا قىمار ئويناشقا يېتەكلىگەن ۋە تەشكىللىگەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تەشۋىقات، تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ قىمار ئويناشنى رەت قىلىش، قىمارغا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر