باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە زەھەرلىك بويۇم ياساش دېلوسىدىن 583 ئى پاش قىلىندى

2017.03.29 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك زەھەر مەنئى قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 27-مارت ئېلان قىلغان " 2016-يىلى جۇڭگونىڭ زەھەر ۋەزىيىتى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە زەھەر ياساش دېلوسىدىن 583 ئى پاش قىلىنغان، زەھەر ئۇۋىسىدىن 438 ئى بىتچىت قىلىنغان.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە: ھازىر دۆلەت ئىچىدە زەھەر ياساش جىنايىتى گەۋدىلىك،دائىرىسى كەڭ ئىكەن. مەملىكەت بويىچە زەھەر ياساش تۈرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ زەھەر نىشانى دېلوسىدىن 132 پاش قىلىنغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدە ياسالغان زەھەرنىڭ ئېقىپ كېتىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇپ، باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن خىمىيەلىك بويۇملار زور مىقداردا زەھەر ياساش يولىغا ئېقىپ كەتكەن. ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە زەھەر ياساش جىنايەت دېلوسىدىن 444 ئى پاش قىلىنغان. زەھەر ياساش، توشۇش، ئېلىپ سېتىشنىڭ تەشكىللىشىش، كەسىپىلىشىش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك ئىكەن. قىسمەن جايلاردا زەھەر بىلەن تەمىنلەش سودىگەرلىرى، مەخسۇس زەھەر ياساش ئۈسكۈنىلىرى، خام ماتېرىياللىرى ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش نۇقتىلىرى بايقالغان. ياسىلىدىغان زەھەر تۈرى تىزدىن يېڭىلىنىش، باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن خىمىيەلىك بويۇملارنى زەھەر ياساشقا ئىشلىتىش مەسىلىسى گەۋدىلىك ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر