باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يىللىق بوران چاپقۇندىن كېيىن ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدى

2017.03.29 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-مارت بۈگۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئاساس سالغان«رىم شەرتنامىسى»ئىمزالانغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنى، بۇ كۈندە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى رىمغا جەم بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.

  ئورتاق بىر مەقسەتتە قۇرۇلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم يۈكسەك شەرەپ ۋە ئارزۇنى نىشانلاپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە ھەم سىياسىي، ئىقتىساد، مۇساپىرلار ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمى مەسىلىلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماقتا. بۈگۈنكى كۈندە 60 يىللىق بوران چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن ياۋروپا يەنە بىر قېتىم قىيىن بىر تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە.

  ئىتتىپاقلىشىش ۋە يېڭىدىن بەرپا قىلىشنى باش مەقسەت قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئورگىنىنىڭ يېڭى يىغىن ئورنى ئىشقا كىرىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن ئايرىلىش ئويۇنىغا شاھىت بولدى، ئىزچىل ئىتتىپاقلىق مارشىنى توۋلاپ كېلىۋاتقان ياۋروپادىكى سىياسىيونلار بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈدى.

  ياۋروپانىڭ چىقىش يولى نەدە؟ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپا بىر گەۋدىلىشىش يولىدا مېڭىشقا بەل باغلىدى، 1951-يىلى فىرانسىيە قاتارلىق غەربىي ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەت ياۋروپا كۆمۈر پولات تۆمۈر ئورتاق گەۋدىسى شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى باشلىدى، 1957-يىلى ئالتە دۆلەت يەنە « ياۋروپا ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسى شەرتنامىسى»،«ياۋروپا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورتاق گەۋدىسى شەرتنامىسى»نى ئىمزالىدى بۇلار ئادەتتە رىم شەرتنامىسى دەپ ئاتىلىدۇ،بۇ ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ۋەقە.

  رىم شەرتنامىسىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان« ماستىرخىت شەرتنامىسى»گىچە، يەنە ياۋروپا سىياسىي ئىتتىپاقىنى پىلانلىغۇچى«لىسبۇن شەرتنامىسى»گىچە ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشى ئارىدىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ياۋرو رايونىنىڭ ۋە شېنگىن رايونىنىڭ مۇكەممەللىكىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قوغداپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىرتقا بولغان رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق ئاۋازدىكىلەرنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. ياۋروپا 60 يىللىق نەتىجىسى ئارقىلىق قاتمۇ قات خىرىسلار ئالدىدا ھەرقانداق بىر ياۋروپا دۆلىتىنىڭ ئۆزى يالغۇز خىرىسقا تاقابىل تۇرغىدەك كۆلەم، ئەمەلىي كۈچ ۋە نوپۇزغا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ، ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى پرودى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچ بىلەن قاراپ: ياۋروپانىڭ ھېكايىسى ئاخىرلاشقىنى يوق، ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇساپىسى داۋاملىشىدۇ دېدى.

  22-مارت بېريۇسسىلدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىگە بىر يىل بولغان پەيتتە، تېررورچىلار تىغ ئۇچىنى يەنە ئەنگلىيەگە قارىتىپ، لوندون شەھەر مەركىزىدىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئەتراپىدا تۆت ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى سادىر قىلدى.

  ياۋروپانى خەتەرگە دۇچار قىلىۋاتقان ھادىسىلەر تېررورلۇق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قەرز كىرىزىسى، مۇساپىرلار كىرىزىسى، بۆلۈنۈش خەتىرى قاتارلىقلارمۇ ياۋروپانى ئەنسىزلىك پاتقىقىغا پاتۇردى.

  ئىقتىساد جەھەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنىلا 2009-يىلى باشلانغان قەرز كىرىزىسىنىڭ دەردىنى تارتماقتا، مالىيەنى قىسىش بىلەن ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئەندىزىسى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش تېخىمۇ كەسكىنلەشتى؛ مۇساپىرلار كىرىزىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نوپۇزىنى خىرىسقا دۇچار قىلدى، مۇساپىرلارنى تەقسىملەش لايىھەسى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نۇرغۇن ئەزا دۆلەتلەرمۇ مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەركىن باردى-كەلدى قىلىدىغان شېنگېن سىياسىتىنىمۇ تەۋرىتىپ قويدى؛ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۆلۈنۈشىگە بولغان ئېغىر ئەندىشىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسلىدىنلا بىر چەتتە تۇرۇپ كەلگەن ياۋروپا ئوڭ قانات كۈچلىرىنىڭ خورىكى ئۆسۈپ، جەمئىيەتنىڭ بۆلۈنۈشىنى تېزلىتىۋەتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر ياۋروپا ئىتتىپاقى مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى.

  كىرىزىسنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىر ئېزىپ كەتكەن ياۋروپا ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن چىقىش يولى ئىزدىمەكتە.

  جۇنكېر يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا، «ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىنى كۆپ تەرەپتىن تېزلىتىش»، يەنى خالىغانلار كۆپرەك ئىش قىلىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭغا مايىل بولغان ئاشۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدە ساھەلەردىكى بىر گەۋدىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، مەسىلەن: دۆلەت مۇداپىئەسى، ئىچكى خەۋپسىزلىك، باج قاتارلىقلارنى كۈچەيتىشىگە رۇخسەت قىلدى. گەرچە فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى يادرولۇق دۆلەتلەر بۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى دۆلەتلەر «ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىنى كۆپ تەرەپتىن تېزلىتىش» تەسەۋۋۇرى غەربىي ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئارازلىقنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دەپ ئەندىشە قىلدى.

  ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىدىيەسىگە قارىغاندا، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر ھەمكارلىق ۋە سىياسەتنىڭ جانلىقلىقىنى تىلغا ئېلىشقا تېخىمۇ مايىل بولغان.

  گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىش قىزغىنلىقى تەدرىجىي سۇسلىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇشنىڭ خەتىرى ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي تەسىرى ۋە كەڭ بازىرى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلاشقاندا، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر يەنىلا بىرلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈشكە مايىل بولماقتا.

  25-مارتتىكى رىم باشلىقلار يىغىنى ياۋروپانىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئويلىشىدىغان ياخشى پۇرسەت. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، مۇتەخەسسىسلەر ياۋروپانىڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، جاپادىمۇ ۋە ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش روھىنى نامايەن قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بېريۇسسېل ئاقىللار ئامبىرى برۇگېل تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى ۋولف مۇنداق دېدى: سىياسىي يېڭى ئېكولوگىيەسى بىلەن دۇنيانىڭ يېڭى قېلىپى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللاشتا ئومۇملۇق نەزىرى بىلەن ئومۇمىي ھەمكارلىقنى ئويلىشىش كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى.

  ۋولف مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئورنى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىشىشى كېرەك. ئامېرىكىدا قورۇقچىلىق باش كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۇنيا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، كىرىزىستىن قۇتۇلۇش، بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.

  ئىتتىپاق، گۈللەنگەن، مۇقىم ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيانىڭ مۇھىم بىر قۇتۇپىغا ئايلىنالايدۇ، بۇ كۆپ تەرەپلىشىش ۋە يەرشارلىشىش تەرەققىياتىغا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاقىللار ئامبىرى ياۋروپا سىياسىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى جەك مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر كوللېكتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنى ئويلاشسا بولىدۇ.

  يېڭى خىرىس ئالدىدا، ئىككى تەرەپلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، توسالغۇلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ خەلقئارا تەرتىپ ۋە دۇنيانى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يامغۇردىن كېيىن چوقۇم ھەسەن-ھۈسەن كۆرۈلىدۇ. ئىلگىرىلەش يولىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلار ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ۋە پۇرسەتكە ئىگە قىلىدۇ. تېخىمۇ ئىتتىپاق، تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ گۈللەنگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قانداق قۇرۇش سىياسىيونلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى داۋاملىق سىنايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر