باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ي ئە ئى نىڭ كۆپ يوللۇق ياۋروپا يولىدا قانچىلىك ئۇزاققا ماڭالايدىغانلىقىنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ

2017.03.29 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا بىر بىرىگە زىت بولغان مۇنداق ئىككى چوڭ ئىش يۈز بەردى. بىرىنچىسى: ئەنگلىيەدىن باشقا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاپپاراتىنىڭ رەھبەرلىرى 25-مارت رىمدا ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئېچىپ، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش باشلىنىشىنىڭ بەلگىسى بولغان رىم شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى؛ ئىككىنچىسى: 29-مارت ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش تەرتىپىنى رەسمىي باشلىدى.

  رىم ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا ئىتتىپاقلىق ئاچقۇچلۇق سۆز بولۇپ، بىخەتەر ياۋروپا، گۈللەنگەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلغان ياۋروپا، خەلقئارا سەھنىدىكى تېخىمۇ كۈچەيگەن ياۋروپا قاتارلىق ئۇلۇغۋار كەلگۈسىنى يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ بىراق ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىدىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق سۆز ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى پارچىلىنىش رېئاللىقىغا يۈز تۇتتۇردى.

  بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرى ياۋروپا كۆمۈر پولاتنى بىرلىشىپ باشقۇرۇش تەشكىلاتىغا ئەزا ئالتە دۆلەت رىمدا ياۋروپا ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسى شەرتنامىسى بىلەن ياۋروپا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورتاق گەۋدىسى شەرتنامىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئاتالغان رىم شەرتنامىسىنى بىرلىكتە ئىمزالىدى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىجادكارلىرى ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئۇرۇش مەنبەسىنى تۈگىتىش ھەمدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپلۇق ۋەزىيەتتە ياۋروپانىڭ تەسىر كۈچىنى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. كۆمۈر پولاتنى بىرلىشىپ باشقۇرۇش تەشكىلاتى بىلەن ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورتاق گەۋدىسى كۆمۈر ، پولات تۆمۈر، ئاتوم ئېنېرگىيەسى قاتارلىق مۇھىم ئۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىغا ئالاقىدار تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنى بىرلا دۆلەتنىڭ قولىدىن ئاجرىتىپ؛ ئىقتىساد ئورتاق گەۋدىسى تاۋار، خادىم، مۇلازىمەت ، كاپىتالنى ئەركىن ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىر بىرىگە تايىنىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە ھەددىدىن تاشقىرى ئۈنۈمنى كۆزلەش ئارقىلىق، سىياسىينى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا.

  ئۆتكەن 60 يىلغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى مەمۇن قىلىدۇ. ياۋروپالىقلار مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەبەدىي تىنچلىقتىن بەھرىمان بولدى؛ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ نوقۇل بازارغا ئايلاندى؛ ياۋرو يەر شارىدىكى ئىككىنچى چوڭ پۇل بىرلىكىگە ئايلاندى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولدى. ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى، پارىژ كىلىمات كېلىشىمى قاتارلىق دىپلوماتىيە مۇۋەپپىقىيەتلىرىدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  بىراق ، ۋاقىتتىن ئۆتۈشى بىلەن 60 يىلنى بېسىپ ئۆتكەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى چارچىغاندەك قىلىدۇ. نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى، ئىشسىزلىقتىن ئىبارەت جاھىل كېسەل، مۇساپىرلار كىرىزىسى، ناروتنىكىلىق، تېررورلۇق تەھدىتى، ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىشى قاتارلىقلار ئۆز ئارا گىرەلەشكەن خىرىسلار ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى يەتكۈچە قىيىنچىلىققا دۇچار قىلىپ، قىسمەن ئەزا دۆلەتلەرنى ھەتتا بۇ تەشكىلاتنى بەرپا قىلغۇچى ئەزا دۆلەتلەرنى بۇ تەشكىلاتتىن ئاستا ئاستا گۇمانلاندۇردى. مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان كېلەچەك ئاق تاشلىق كىتابىدا ھەتتا ھازىر پەقەت ئۈچتىن بىر قىسىم ياۋروپالىقنىڭلا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

  بۇنداق تارىخىي نۇقتىدا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشنىڭ ئىستىقبالى ئىنتايىن قاراڭغۇ. كەلگۈسىدە قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟

  مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا ھازىرقى يولنى داۋاملاشتۇرۇش، بىر تەرەپلىك بازارنى يولغا قويۇش، خالىغانلار كۆپرەك ئىش قىلىش، ئاز ئىش قىلىپ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىش، ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ياۋروپا جامائەتچىلىكى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھازىرقى يولنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ھازىرقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قىيىن، بىر تەرەپلىك بازارغا چېكىنىپ چىقىش ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئاز ئىش قىلىپ يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىش ئەزا دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك ھوقۇقدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىن.

  يولغا قويۇشقا بولىدىغان بىردىن بىر ئۇسۇل خالىغانلار كۆپ ئىش قىلىش ۋە ياۋروپا يولىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت. بۇ قېلىپ ئاستىدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئوخشاش سۈرئەتتە بىرىكىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋەكىللىكىدىكى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى كۆپ يوللۇق ياۋروپا يولىنى تىزلىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ، چەتتە قالدۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلدى. پولشالىق ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك كۆپلىگەن سورۇنلاردا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلىدى.

  25-مارت ماقۇللانغان رىم خىتاپنامىسىدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرى ماسلاشتۇرۇلۇپ، ياۋروپانىڭ ئىتتىپاقلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپ يوللۇق ياۋروپا تەپەككۇرى ئىپادىلەندى. ئەمەلىيەتتە، كۆپ يوللۇق ياۋروپا تەپەككۇرى ئىزچىل تۈردە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كەلدى. ئالايلۇق، ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سىياسىي جەھەتتە بىر گەۋدىلىشىشنىڭ ئالدىدا ماڭدى ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياۋرو رايونى بىلەن سىنگىن رايونى ھەتتا بىرلىككە كەلگەن خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە كۆرۈش جەھەتتىكى تالاش تارتىشىشىمۇ بىردەك بولماي كەلدى.

  بىراق يېڭى ۋەزىيەتتە كۆپ يوللۇق ياۋروپا تەپەككۇرىدىن ئىبارەت بۇ كونا تېمىغا يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلدى. كەلگۈسىدە بىر قىسىم ساھەلەردە بىر گەۋدىلىشىشكە قاتناشمىغان ھەمدە قاتنىشىش توغرىسىدا ۋەدە بەرمىگەن دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ھەمكارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.

  يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس دېگەندەك، بىر گەۋدىلىشىش ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئويۇن كېلىدۇ، بىراق مەسىلىلەرگە توغرا قارىغاندىلا مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ئەگەر ئىتتىپاقلىقنىلا تەكىتلەپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىدە ساقلىنىۋاتقان پەرقلەرگە سەل قارالسا، ئاددىي مېخانىلىكىلىق ھالدا بىر تەرەپلىمىلىك سىياسەت قوللىنىپ، ھەممە ئىشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلسا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىلا، ئاندىن ھەر قايسىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ماسلىشىپ ئورتاق نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. بىراق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ يوللۇق ياۋروپا يولىدا قانچىلىك ئۇزاققا ماڭالايدىغانلىقىنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر