باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

28-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلدى

2017.03.29 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى بۈگۈن ئىيوردانىيەنىڭ ئۆلۈك دېڭىز ساھىلىدا ئېچىلدى. نۆۋەتتىكى پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسى يەنە كېلىپ چىققان، ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي كۈچلىرى كۈچەيگەن، سۇرىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىدە ئېغىر ئىختىلاپ ساقلانغان ۋەزىيەتتە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا قانداق قىلىپ ئىتتىپاقلىشىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى.

  بىرىنچى نۇقتا: ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى قانداق قىلغاندا كۈچەيتىش

  يېقىندا ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قانۇنسىز يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى قانۇنلۇقلاشتۇردى؛ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى يېرۇسالېمغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، كېيىن يەنە ئىلگىرىكى پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى ئاغدۇرۇشنى قەتئىي قوللاپ، بىر دۆلەت لايىھەسىنى ئويلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئاشكارا بىلدۈردى. بۇ پەلەستىن ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالغۇشنى پەيدا قىلدى.

  پەلەستىن مەسىلىسى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پوزىتسىيە، مەيدان بىردەك بولغان قارالما دەپ قارالدى. يىغىنىڭ رەئىسى، ساھىبخان دۆلەت ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى ساپادى باشلىقلار يىغىنىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تەييارلىق يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : كۆپلىگەن رايون مەسىلىسى ئىچىدە پەلەستىن مەسىلىسى يادرولۇق مەسىلە، ئىككى دۆلەت لايىھەسى ئاساسىدا پەلەستىن زېمىنىغا بولغان ئىشغالىيەتنى ئاياغلاشتۇرۇش رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم شەرتى.

  ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ ئىككىنچى، باش ۋەزىر مۈلكى قاتارلىق كىشىلەر باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يىغىن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ پەلەستىن ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى كۈچەيتىش، ئىرۇسالىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تارىخى ئورنىنىڭ ئۆزگەرتمەسلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئىيوردانىيە ئۇيۇشتۇرغان بۇ نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش ۋەزىپىسى.

  ئىككىنچى نۇقتا: تېررورلۇققا قانداق تاقابىل تۇرۇش

  2015-يىلى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ئەرەب ئەللىرى بىرلەشمە قىسمى قۇرۇشىنى قارار قىلدى، ئىككى يىل ئۆتكەن بولسىمۇ قىلچە ئىلگىرىلەش كۆرۈلمەي، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىتتىپاقسىزلىق، غايەت زور مەنپەئەت ئىختىلاپى بارلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.

  ھازىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ زېمىنى يەنىمۇ تارايدى ،ھەمدە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان ئەسەبىي ئاڭ ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن. 3-ئاينىڭ 22- كۈنى بېريۇسسىل تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە ئەنگلىيەدە ئۆز ئالدىغا ھۇجۇم قىلىپ كۆپلىگەن كىشىلەرنى يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى كېلىپ چىقتى، بۇ ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.

  باشلىقلار يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىيوردانىيەدە ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ساقچى ئىدارىسى ۋە مەشھۇر مەنزىرىگاھلاردا زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، غەربلىك ساياھەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن كىشىلەر قازا قىلدى. بۇ خىل ۋەزىيەتتە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىن ئەسەبىي كۈچلەرنى يوقىتىش ساداسىغا قانداق قىلىپ ئىنكاس قايتۇرۇشى، قانداق قىلغاندا بىرلىشىپ تېررورلۇققا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى.

  3-نۇقتا سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  سۇرىيە كىرىزىسىنىڭ پارتلىغىنىغا ھازىرغىچە ئالتە يىلدىن ئاشتى، ئۇنىڭ يامراش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، سوزۇلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، خەلقنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبىتىنىڭ ئېغىرلىقى سىرتتىكىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى. ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى مومانى يېقىندا تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: ئەگەر سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر تىنچلىق سۆھبىتى جەريانىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلالىسا، سۇرىيەنىڭ تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى تېزراق بولىدۇ، سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گايىت ئىلگىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىگە قايتىدىن ئېرىشىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆكتىچىلەر بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك، دېگەن ئىدى.

  لېكىن سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىسىتىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: سۇرىيە كىرىزىسىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، سۇرىيە كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ تەسىرىدە قوللانغان تەدبىرى سۇرىيەنىڭ زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا پايدىسىز بولدى. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى داۋاملىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سۇرىيەگە پارچىلاش، دۈشمەنلەشتۈرۈش پوزىتسىيەسىنى قوللانسا، سۇرىيە ھەرگىزمۇ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىش ئويىدا بولمايدۇ.

  تەھلىل قىلىنىشىچە، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇشۇ تېما ئۈستىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشى تەس ئىكەن، يەنە كېلىپ مەيلى ئاستانە سۆھبىتى ياكى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى بولسۇن، ھەممىسى سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا سەھنە ھازىرلاپ، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ بۇ مەسىلىدە جارى قىلدۇرالايدىغان رولىنى چەكلەپ قويدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر