باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئاتاقلىق تاراتقۇ خادىملىرى سۆزلىشىش يىغىنى توكيودا ئۆتكۈزۈلدى

2017.03.29 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاممىۋى ئىشلار دىپلوماتىيە جەمىيتى ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو ياپونىيە ئاتاقلىق تارتقۇ خادىملىرى سۆزلىشىش يىغىنى 28-مارت توكيودا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ياپونىيە تاراتقۇلىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 50 كىشى تاراتقۇلارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە رولى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

  جۇڭگو ئاممىۋى دىپلوماتىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ جىڭيۆ سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان گەرچە ئەگرى توقاي يوللارنى باسقان بولسىمۇ، بىراق دوستانە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى ئاساسلىق ئېقىم بولۇپ كەلدى. ئۇ، جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نازۇكلۇقى، مۇرەككەپلىكى ۋە مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىككى تەرەپ تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى خەۋەر قىلغاندا ئومۇمىيلىق قارشىنى كۆزدە تۇتۇشى، تېخىمۇ ئەمەلى ھەمكارلىقنى بايان قىلىشى، ئىككى دۆلەت ئەل ئارا ئالماشتۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ تاشقى ئىشلار خەۋەرلەندۈرۈش ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ياپونىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت ئۈچۈنلا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالماستىن، پۈتكۈل ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋە پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئىككى دۆلەت ئومۇمىيلىقنى چىقىش قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە خادىملارنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

  تونۇشتۇرۇشلارغا قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئاتاقلىق تاراتقۇ خادىملىرى سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ باش مەقسىتى، ئىككى تەرەپ تاراتقۇلىرىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي، ئوبيېكتىپ نۇقتىدىن كۆپرەك يېتەكچىلىك قىلىشىدىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر