- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ يېڭى زېلاندىيەنىڭ ۋالىيسى رېددىي بىلەن كۆرۈشتى
2017.03.29 16:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 28-مارت چۈشتىن كېيىن ئاۋكلاند ۋالىي مەھكىمىسىدە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ۋالىيسى رېددىي بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋالىي رېددىيغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-يېڭى زېللاندىيە سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى چوڭقۇر ئەل رايى ئاساسىغا ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، جۇڭگو-يېڭى زېللاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇزاق مەزگىل جۇڭگو ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ، مول ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي يەنە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرىنىڭ تىنچ، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر