باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ كۈتۈۋىلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2017.03.29 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 28-مارت چۈشتە، يېڭى زېلاندىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئوكلاندتىكى ئۆزى تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىدا، يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئىنگلىش بىلەن بىرلىكتە يېڭى زېلاندىيەدىكى ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ كۈتۈۋىلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يېڭى زېلاندىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مائارىپ قاتارلىق ساھەلىرىدىكى 500دىن ئارتۇق كىشى زىياپەتكە قاتناشتى.

  لى كېچياڭ ئالدى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلارغا ماۋرى تىلىدا سالام يوللىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ساغلام تەرەققىي قىلدى، ھازىر تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقى مىسلى كۆرۈلمىگەن كەڭ ۋە چوڭقۇر ھالەتتە داۋاملاشماقتا. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى زېلاندىيەنى تەرەققىي قىلغان بارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن «بىرىنچى»نى ئورۇنلىدى. بۇ جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يول ئېچىش خاراكتېرىگە، ئۆزگىچىلىككە، نەمۇنىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتكە ھەقىقىي تۈردە مەنپەئەت يەتكۈزدى. جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيەنىڭ دوستانە ئەمەلىيىتى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتى خىرىس ئېلىپ كەلمەي، بەلكى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنسىلا، ھەر قايسى دۆلەتلەر تامامەن ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىپ، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ قالالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر