باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سەر خىل تەشۋىقات، نادىر سەنئەت نۇمۇرلىرى ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

2017.03.30 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ئارزىگۈل ئابلەت خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسى يەكەن دەرياسى جەنۇبىي قىرغاق باشقۇرۇش كومىتېتى ئۆزىگە قاراشلىق بەشقات، توسما كۆل، تالا كۆل، قەييۇم تالا كەنت ئاھالىلىرىنى قەييۇم تالا كەنتىگە يىغىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش-قەسەم بېرىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈپ، كەنت ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قوزغىدى.

  قەسەم بېرىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات ئۆمىكىدىن كەلگەن تەشۋىقات خادىملىرى «پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇشنى بىلىش، پارتىيەگە تەشەككۈر ئېيتىش، پارتىيەگە ئەگىشىش، مۇقىملىقنى قوغداش» باش تېما قىلىنغان سەر خىل لېكسىيەلىرى ئارقىلىق، ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. كەڭ ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ قايىللىقى ۋە مايىللىقىنى ئاشۇردى.

  بەشقات، توسما كۆل، تالا كۆل، قەييۇم تالا كەنتلىرى دولان مەشرەپ-مۇقاملىرى كەڭ تارقالغان رايونلارنىڭ بىرى. پائالىيەت ئاخىرىدا، بۇ يۇرتتىكىلەر ئۆزلىرى تەييارلىغان كۈچلۈك يەرلىك پۇراققا ئىگە دولان مەشرەپ-مۇقاملىرى ۋە يەرلىك ناخشىلار ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى يوقۇرى پەللىگە كۆتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر