باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئىئانە توپلاپ، ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بەردى

2017.03.30 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن 4-تۈركۈمدە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غوروچۆل بازىرىغا چۈشكەن «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۇزۇۈش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ساخاۋەتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىئانە توپلاپ، 120 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئوقۇتۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ، خىزمەت ئەترەتلىرى تۇرۇشلۇق تۆت كەنتتىكى 2000 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ غوروچۆل بازىرىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى مۇساجان ياقۇپ مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن غوروچۆل بازىرىنىڭ ئارا مەھەللە كەنتىدە ئوقۇتۇش ماتېرىيالىرى ۋە تەنتەربىيە بۇيۇملىرىنى ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. بىز بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى پائال ھەرىكەتلەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

  ئوقۇشىمىزچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، كەنتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇپ، 1 مىليون 90 مىڭ يۈەن مەغلەغ سېلىپ، كەنتكە 720 كىۋادرات مېتىرلىق قوش تىل يەسلىسى قۇرۇپ بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر