باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «دورا باشقۇرۇش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى

2017.03.30 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھۆكۈمەت مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ نوپۇزلۇق بىر تۇتاش دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، دورا باشقۇرۇش ساھەسىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش، ئاممىنىڭ بىخەتەر دورا ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كۆپ قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ «دورا باشقۇرۇش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 29-مارت بيېجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «دورا باشقۇرۇش قانۇنى» ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «دورا باشقۇرۇش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىشى 2016-يىلى، «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» نىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگەندىن بۇيانقى يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ساھەسىدىكى يەنە بىر تۈرلۈك قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم خىزمەت، شۇنداقلا «دورا باشقۇرۇش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان مەملىكەت بويىچە قانۇن ئىجراسىنىڭ تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر