باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساقچى تەرەپ ئىچكى موڭغۇلدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىنىڭ پارتلىشىنى پارتلاتقۇچنى قانۇنسىز ساقلاشتىن كېلىپ چىققان زور جىنايى ئىشلار دېلوسى، دەپ بېكىتتى

2017.03.30 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-مارت، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتۇ شەھىرى تۇمد ئوڭ خوشۇنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ساقچى تەرەپنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشىدە، بېيجىتۇ كەنتىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسى پارتلاش ھادىسىسىنىڭ قانۇنسىز ساقلانغان نېتروزامىن تۈرىدىكى پارتلاتقۇچنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۆيۈشىدىن كېلىپ چىققان زور جىنايى ئىشلار دېلوسى ئىكەنلىكى بېكىتىلدى.

  تۇمد ئوڭ خوشۇنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ نەق مەيداننى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ قانۇنسىز ساقلانغان نېتروزامىن تۈرىدىكى پارتلاتقۇچنىڭ ئۆزلۈكىدىن يېنىشىدىن كېلىپ چىققان زور جىنايى ئىشلار دېلوسى ئىكەنلىكى بېكىتىلدى. نۆۋەتتە، بۇ دېلودىكى ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەممىسى تۇتۇلدى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دېلوغا چېتىشلىق 16 كىشىنى جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئالدى.

  3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 13تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ باۋتۇ شەھىرى تۇمد ئوڭ خوشۇنى گوۋمېن بازىرى بېيتۇجى كەنتى شياڭياڭ مەھەللىسىدىكى 5-نومۇرلۇق ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىنىڭ ئىككىنچى ئىشىكىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، بەش ئادەم ئۆلدى، 25 ئادەم يارىلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر