- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئۆز زېمىنىدا دۆلەت زېمىنىنى مۇداپىئە قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئىش
2017.03.30 15:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 28-مارتتىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى : ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، سۈنئىي ھەمراھنىڭ يېڭى تەسۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزنىڭ قىسمەن خادا تاش ئارىلىدىكى يېڭى ئايرودۇرۇمنىڭ ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان، بەلكىم ھەر ۋاقىت كۈرەشچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار بولغان بولۇشى مۇمكىن. جۇڭگو بۇ يېڭى ئايرودۇرۇملارغا كۈرەشچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرامدۇ؟ دەپ سورىغاندا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئۆز زېمىنىدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشى، شۇ يەرنى ساقلاۋاتقان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خادا تاش ئارىلىغا مۇناسىۋەتلىك ھەق تەلەپ ئىشلىرى ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارالىق بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئۆز زېمىنىدا دۆلەت زېمىنىنى مۇداپىئە قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئىش، شۇنداقلا خەلقئارا قانۇن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتكە بەرگەن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر