- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى 11 چوڭ تۈرگە 190 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈپ خەلققە نەپ يەتكۈزدى
2017.03.30 17:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى 190 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى، بىئوتېخنىكا، بايلىق، مۇھىت ۋە يۇقىرى تېخنىكا قاتارلىق تۆت جەھەتتىكى 11 چوڭ تۈرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ پايدىلىنىش، يېڭى مەھسۇلات يارىتىش، يېڭى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش، يېڭى كەسىپ ھالىتى يارىتىش ئارقىلىق، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىشقا تۈرتكە بولغان.
تونۇشتۇرىلىشچە، بۇ تۈرلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: خۇاڭخې-خۇەيخېنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنىڭ دېھقانچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ھالقىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنىڭ تېخنىكا توپلاش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئۆرنەك ئېلىش «2-ئاشلىق ئامبىرى» تۈرىنى يولغا قويۇپ، كۈلۈمبۆر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش گۇرۇھىنى يادرو رايون قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئوتلاق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى زامانىۋى ئوتلاق، چارۋىچىلىق كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك ئوتلاق، چارۋىچىلىق كەسپى تۈرى ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىقلار.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر