- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شاۋشىڭدىن ياردەم بىرىشكە كەلگەن داۋالاش خادىملىرى خالىسانە كېسەل كۆردى
2017.03.30 16:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ شەھرىدىن ئاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن تېببىي مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلاردىن تەشكىللەنگەن 12 كىشىلىك داۋالاش ئەترىتى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق يېزىسىغا بېرىپ، «داۋالاش، دورىلارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» باش تېما قىلىنغان خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھىرمەن قىلدى.
مۇتەخەسسىسلەر كەنت ئاھاللىرىنىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇلارغا مۇناسىپ كۆرسەتمە ۋە سەمىمىي مەسلىھەتلەرنى بەردى ھەم 2800 يۈەن قىممىتىدىكى دورىلارنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، 600دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر