باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

41 ئورۇنغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى دەپ يېڭىدىن نام بېرىلدى

2017.03.30 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 41 ئورۇنغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى دەپ يېڭىدىن نام بەردى. نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ ئومۇمىي سانى 248 گە يەتتى، بۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئازادلىق ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانغا قەدەر بولغان تارىخىي مەزگىلدىكى زور تارىخىي ۋەقەلەر، مۇھىم شەخس ۋە مۇھىم ئىنقىلابى خاتىرە ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاساسەن قاپلىدى.

  بۇ قېتىم يېڭىدىن نام بېرىلگەن بازا 14 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە تارقالغان بولۇپ، شەرق، ئوتتۇرا، غەربتىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلارنى قاپلىغان. ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلار-ئۇزۇن سەپەرگە يولغا چىقىش، ئۇزۇن سەپەر قوشۇنىنىڭ ئۇچرىشىشى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دەريادىن ئۆتۈش ئۇرۇشى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرىلىك زور تارىخىي ۋەقەلەر ۋە زور تارىخىي نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىم نام بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇزۇن سەپەر تېمىسىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ ئومۇمىي سانى 80 دىن ئاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر