باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى

2017.03.30 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ 29-مارت قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تارماقلار چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كەسىپلەرنىڭ تىزىملىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزمەكتە، كىرىش ئىجازىتىنى يەنىمۇ بوش قويۇۋېتىپ، ئۆلچەم ئىجازىتى، مەبلەغ سېلىشنى بېكىتىش، سېتىۋېلىش ئىجازىتى قاتارلىق جەھەتلەردە مەملىكەت ئىچى ۋە چەتئەل كارخانىلارغا بىردەك مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ سىياسەتلەر تەيۋەن سودىگەرلىرى ۋە تەيۋەن مەبلىغى كارخانىلىرىغا تامامەن تەتبىقلىنىدۇ. ما شياۋگۇاڭ سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگەندە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە 53 سۇپا ھازىرلاپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە ئالاقىدار تارماقلار تەيۋەنلىك قېرىنداشلار جۈملىدىن تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە قولايلىق تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىشنى چىڭ تۇتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر