باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مەمەت تۇردى ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن پارتىيەدىن چىقىرىۋېتىلدى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن قوغلاندى قىلىندى

2017.03.31 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتى ئىدارىسى (شىنجاڭ كۆمۈر بىخەتەرلىكى مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مەمەت تۇردىنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەمەت تۇردى سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ھەمدە كېڭىشىش قائىدىسىگىمۇ خىلاپلىق قىلىپ، شەخسىيگە ئالاقىدار ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلماي، كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ ۋە تەيىنلەشتە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ ھەم باشقىلاردىن مال-مۈلۈك ئالغان؛ پاك ـ دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، سوۋغات پۇل قوبۇل قىلغان؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋىتى بولغان؛ دۆلەتنىڭ قانۇن ـ نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كارخانا باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەمدە تەلەپ قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، باشقىلاردىن نۇرغۇن مال-مۈلۈك يىغىۋالغان. نەتىجىدە، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى پارا ئېلىش جىنايىتىنى سادىر قىلغان جىنايەت گۇماندارى بولۇپ قالدى.

  مەمەت تۇردى پارتىيە ئەزاسى ھەم بىر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، غايە ۋە ئېتىقادنى يوقۇتۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ھەم پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ھوشىنى تاپمىغان. ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ خاراكتېرى بەك ناچار، قىلمىشى بەك ئېغىر بولغان. شۇڭا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قاراپ چىقىرىشىغا مەلۇم قىلىش ئارقىلىق، مەمەت تۇردىغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە مەمەت تۇردىنى خىزمەتتىن بوشىتىش جازاسى بېرىش دوكلاتىنى سۇندى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن مال-مۈلكىنى يىغىۋېلىپ، خەزىنىگە تاپشۇردى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىلىدىغان مەسىلىلىرى ۋە جىنايەت يىپ ئۇچلىرى قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر