باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

2017.03.31 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 1-ئاپرېلدىن باشلاپ، قىسمەن ھۆكۈمەت فوندى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ۋە تەڭشىلىدۇ. بۇ قېتىم تەڭشىلىدىغان ھۆكۈمەت فوندى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىككى بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، شەھەر جامائەت ئىشلىرى قوشۇمچە فوندى ۋە يېڭى تام ماتېرىياللىرى مەخسۇس فوندى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ئىككىنچى، مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى ئېلىش سىياسىتى تەڭشىلىپ، كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى چېكى بېكىتىلىدۇ.

  مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى ئېلىشنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، سودا-سانائەت بويىچە رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە، خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 20دىن تۆۋەن(20نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك، مىكرو كارخانىلار، خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 30دىن تۆۋەن(30نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كارخانىلارغا تەڭشىلىدۇ. سودا-سانائەت بويىچە رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاتقىلى ئۈچ يىل بولمىغان، خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 30دىن تۆۋەن(30نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان كارخانىلاردىن، ئېشىپ قالغان ۋاقىت ئىچىدە بەلگىلىمە بويىچە مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى ئېلىش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى شۇ جاينىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى(ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىستاتىستىكا تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئۆتكەن يىللىق شەھەر-بازار ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى)نىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە يەتمەيدىغانلاردىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى ئېلىنىدۇ؛ شۇ جاينىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئورۇنلاردىن، شۇ جاينىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى ئېلىنىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تەركىبى توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر