باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇش

ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى جۇڭگو لايىھەسى (شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ھالقىلىق سۆز 55)

2017.03.31 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ 2016- يىلى12- ئاينىڭ 2- كۈنى ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىكى تۈزۈمىدىكى «تۆت لىم سەككىز تۈۋرۈك»نى تېزدىن قۇرۇپ چىقىپ، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى تۈزۈملەشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش يولىغا سېلىش كېرەك.

  ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ئاخباراتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى:«ئەڭ قاتتىق بولغان مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇلىدۇ». ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا قارىتىلغان تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولدى.

  ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 2015- يىلى 4- ئايدا «ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئېلان قىلدى. 2015- يىلى 9- ئايدا، ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسى»نى تارقاتتى، بۇنىڭدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش». 2016- يىلى 1- ئايدا، «گوۋۇيۈەن<13- بەش يىللىق> ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش پىلانى»نى تارقىتىپ، « 2020- يىلىغا بارغاندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» ئاساسىي نىشانى ھەم بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، نۇرغۇن كونكرېت سىياسەت تەدبىرلىرىدىمۇ كۈچلۈك تۈزۈم تورى شەكىللەندۈرۈلدى. مەيلى ھاۋا، سۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى ياكى مۇھىتنى تەكشۈرۈشتە بولسۇن، مۇناسىپ تۈزۈم ئېلان قىلىندى.

  ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا كۆپ سەھىپە ئاجرىتىلىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە تۈزەش مەخسۇس شەرھلەندى. بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ بىر قاتار تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەر تونۇشتۇرۇلدى ھەم خەلق نۆۋەتتە ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە دىققەت قىلىۋاتقان ھاۋا سۈپىتىدىن ئىبارەت ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىلدى.2016- يىلى 4- ئاينىڭ 22- كۈنى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا «پارىژ كېلىشىمى»نى بىللە ئىمزالىدى ھەم 9- ئايدا ب د ت غا تەستىق ھۆججىتىنى ئارخىپ قىلىپ ساقلاشقا سۇندى. بۇ يىل جۇڭگو مەملىكەتلىك كاربون چىقىرىش ھوقۇق سودىسى بازىرىنى ئاچىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بېيجىڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك نۇقتىدا سىناق قىلىنغان. خەلقئارا جامائەتچىلىك كىشىلەرنى جەلپ قىلىۋاتقان بۇ تەدبىرلەرگە داۋاملىق دىققەت قىلىپ كەلدى.

  2013- يىلى 9- ئايدا گوۋۇيۈەن «ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ھەرىكەت پىلانى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغاندا، ئاخىرقى تەكشۈرۈپ باھالاشتا سۈپەتنى ياخشىلاشنى نەتىجە قىلىشتىن ئىبارەت «بىر ئاۋاز بىلەن رەت قىلىش»نى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنداق قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالاش ئۇسۇلى ئېكولوگىيەلىك نىشانىنىڭ كەسكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر