باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش... بۇ يىل مەركەزنىڭ پۇللىرى خەلق تۇرمۇشىغا كۆپرەك سەرپ قىلىنىدۇ

2017.03.31 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش... پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشى پۇللىرىنى مەركەز قانداق خەجلەيدۇ؟ مالىيە مىنىستىرلىقى 29-مارت جەمئىيەتكە 2017- يىللىق مەركەز مالىيە خامچوتىنى ئېلان قىلدى، 26 پارچە جەدۋەل ۋە چۈشەندۈرۈشتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ يىل خەلق تۇرمۇشىنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى.

  مەسىلەن «2017-يىللىق مەركەز دەرىجىلىك چىقىم خام چوت جەدۋىلى» ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرمىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مائارىپ چىقىمى خامچوتى 152 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2016 ـ يىللىق ئىجرا ساندىن 7 مىليارد 215 مىليون يۈەن ئېشىپ، %5 ئاشقان؛ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى خامچوتى 99 مىليارد 186 مىليون يۈەن بولۇپ، 2016 ـ يىللىق ئىجرا ساندىن 10 مىليارد 128 مىليون يۈەن ئېشىپ، %11.4 ئاشقان؛ مالىيەنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىغا بولغان ياردەم پۇلى خامچوتى 14 مىليارد 61 مىليون يۈەن بولۇپ، 2016 ـ يىللىق ئىجرا ساندىن 1 مىليارد 124 مىليون يۈەن ئېشىپ، %8.7 ئاشقان؛ داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ۋە پىلانلىق تۇغۇت چىقىمى خامچوتى 13 مىليارد 704 مىليون يۈەن بولۇپ، 2016-يىللىق ئىجرا ساندىن 4 مىليارد 588 مىليون يۈەن ئېشىپ، %50.3 ئاشقان.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل ئاشكارىلانغان مەزمۇنلاردا «2016-يىل ۋە 2017- يىللىق يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس قەرز سوممىسىنىڭ قالدۇق ئەھۋالى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ، تەپسىلىي ھېسابات ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى نازارەت قىلىشى كۈچەيتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر