باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يان تېلېفون ئوينىغاندا دىققەت چېچىلىپ كېتەمدۇ؟

ئامېرىكىدا پىيادە يۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆلۈش سانىدا رېكورت يارىتىلدى

2017.04.01 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامىرىكا ئىشتات باشلىقلىرى تاشيول بىخەتەرلىكى جەمئىيىتى 30- مارت ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا بۇلتۇر 6000غا يېقىن پىيادە يۈرگۈچىلەر قازا قىلغان بولۇپ، 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يارىتىلغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، يان تېلېفون قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر پىيادىلەر ياكى شوپۇرلارنىڭ دىققىتى چېچىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، قازا قىلغان پىيادىلەر سانىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  بۇ دوكلاتتا ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئىشتات ۋە پايتەخت ۋاشىنگتوندا 2016 ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى پىيادىلەرنىڭ ئۆلۈم سانلىق مەلۇماتى ۋە بۇنىڭدىن مۆلچەرلەنگەن كېيىنكى يېرىم يىللىق سانلىق مەلۇمات ئاساس قىلىنغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر قازا قىلغان پىيادىلەرنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشقان. ئىستاتىستىكا قىلىش باشلانغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، پىيادىلەر ئۆلۈش سانىنىڭ يىللىق ئېشىش مىقدارى ۋە ئېشىش نىسبىتىدە رېكورت يارىتىلغان.

  دۆلەت تىرانسپورت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بېللا دىنزال: پىيادىلەر «ئەڭ ئاجىز يول ماڭغۇچىلار» دېدى. ئۇ، قولىمىزدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئاسانلا پىيادىلەرنىڭ دىققىتىنىڭ چېچىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، «يولۇچىلارغا بولغان بارغانسېرى چوڭ تەھدىت» بولۇپ قالماقتا، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر