باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 47 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

2017.03.31 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 47 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «يېزا مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروت سودا بازىرى قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» مۇھاكىمە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېزا مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروت سودا بازىرىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروت سودا بازىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى يېتەكلەپ، پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى ۋە يېزا ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروت سودا بازىرى قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. جامائەت پاراۋانلىقىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلارغا قولايلىق يارىتىشتا، ئاشكارا - ئادىل بولۇش، قېلىپلاشقان - تەرتىپلىك بولۇشتا، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت، يېزا ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى، بايلىق ۋە مال - مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى توغرا، مۇۋاپىق بېكىتىش ۋە تەپسىلىي، تولۇق تىزىملاشنى ئاساس، دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى نېگىز، ئوبوروت سودا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇلغان، سودىسى راۋان، ئۇچۇرى ئاشكارا، مۇلازىمىتى ياخشى، ھەرىكىتى مۇقىم ۋە كاپالىتى كۈچلۈك يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودا بازىرىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر