باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش قائىدىسى»نى تارقاتتى

2017.03.31 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش قائىدىسى» (تۆۋەندە «قائىدە» دېيىلدى) نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، ئىجادچان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم يول، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاس سىياسىي ئەۋزەللىكى. بۇ قېتىمقى «قائىدە»نىڭ تۈزۈپ ئېلان قىلىنىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركىزىي گۇرۇپپىنىڭ ئۆگىنىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، شۇنداقلا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن كۈچەيتىش بىلەن تۈزۈم جەھەتتىن قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. «قائىدە» نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئالاقىدار مەخسۇس پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر