باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

«ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2017.03.31 16:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» (تۆۋەندە «نىزام» دېيىلدى) ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 - يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، دەپ جاكارلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ «نىزام»نى چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتىكى تۇنجى يەرلىك نىزامى، شۇنداقلا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم نىزام.

  «نىزام» ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش دائىرىسىگە، قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە دائىملاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يولىغا كىرگۈزۈپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ «نىزام»نى تۈزۈش مەركەزنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. «نىزام»نىڭ چىقىرىلىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى باش نىشاننى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنىڭ جەۋھىرى. «نىزام»نى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، ئورۇنلار، تارماقلار تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، «نىزام»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى سىجىل، كەڭ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «نىزام»دىكى بەلگىلىمە ۋە تەلەپ بويىچە، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ كونكرېت بەلگىلىمىسى ۋە چارىسىنى تېز تۈزۈپ، چىڭ تۇتۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.

  شاۋكەت ئىمىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى ئۇسۇل - تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى تۈزۈپ چىقتى. «نىزام»نىڭ مەزمۇنى تولۇق، سىستېمىسى مۇكەممەل، قاتلاملىرى ئېنىق، قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، «نىزام»نى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ما مىڭچېڭ، مۇتەللىپ قاسىم، چېڭ جېنشەن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر