باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى تەشكىللەپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىلىرىغا ياخشى ئۈلگە بولدى

2017.03.31 16:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 2017 - يىللىق 6 - قېتىملىق ئۆگىنىشنى قىلدى.

  يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش قائىدىسى» ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشنى يولغا قويۇش چارىسى» ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۈلگە ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى ئۆگىنىشكە ماھىر، تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىنىدىغان ئۈلگىلىك بەنزە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىلىرىغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 33 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان يەتتە تۈرلۈك تەلەپكە ئاساسەن، ئىسلاھاتنى قەتئىي بوشاشماي ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، باش نىشان ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىغا قويغان «ئون تۈرلۈك تەلەپ»كە ئاساسەن، تەرەققىياتنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە نېگىزلىك، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پائال ئىزدىنىپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خىزمەتتە ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بىر قانچە تۈرلۈك ئۇللۇق، نۇقتىلىق خىزمەت تەرەققىياتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كۆزلىمە نىشانغا يېتىشى كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەقىقىي، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر