باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى بىرلىشىپ 17 ياشلىقلار ئاز سانلىق مىللەتلەر پۇتبول كوماندىسى بەرپا قىلىدۇ

2017.03.31 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەنتەربىيە ئالىي مەكتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا، پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە يېڭى سىناق قىلدى.

  يېقىندا، شىنجاڭنىڭ 17 ياشلىق ئوغۈللار پۇتبول كوماندىسىدىن كەلگەن 30 ماھىر بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىنى باشلىدى. بۇ كوماندا شۇنداقلا بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى بىرلىشىپ بەرپا قىلغان، دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۇنجى 17 ياشلىقلار ئاز سانلىق مىللەت پۇتبول كوماندىسى بولۇپ قالدى. بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەكتەپ پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چى جيەن 29-مارت زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: «جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىيات ئومۇمىي لايىھەسى» ئېلان قىلىنغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەر جەھەتلەردە ئىجابىي ئۈنۈملەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مەكتەپنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى ئارقىلىق، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

  چى جيەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان، كېلىشىمدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار دەل شىنجاڭ ئۈچۈن پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى بىرلىكتە تەربىيەلەش بولغان.

  چى جيەن: «نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ماھىرلىرى بىر قەدەر تالانتلىق، ئىلگىرى كۆپ تەرەپلىك ئامىللار سەۋەبلىك، شىنجاڭلىق نۇرغۇن پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرى ياشلىق- ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش تەس بولغان ئىدى»، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ماھارەت يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز، «18 ياشتىن بۇرۇن، ئۇلار ئاۋۋال بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولىدۇ، 18 ياشتىن كېيىن، ئۇلار بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدۇ. بىز تىرىشىپ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرىمىز؛، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر