خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 57 ياشلىق ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى پېررى ۋىتنىي 2017- يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 8-قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىپ، ھازىرغىچە ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ، ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىش ئومۇمىي ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغان ئايال بولۇپ قالدى.
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى بۇ ماتېرىيال سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى پېررى ۋىتنىي قازاقىستاننىڭ بايقوڭۇر قويۇپ بېرىش مەيدانىدا كىشىلەرگە قول پۇلاڭلاتماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى