باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش مىنىستىرلىق، كومېتىت ئالىي مەكتەپلەرنى ئاپپارات تەشكىللەپ مەمۇرىي دەرىجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى

2017.04.07 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللىشى بىلەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېتى ئىشتات خىزمىتى ئىشخانىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ «ئالىي مائارىپ ساھەسىنىڭ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر« نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر» دە ئالىي مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدىكى پەنلەر كەسىپلەر، ئىشتات، ئىش ئورنى، ئادەم قوبۇل قىلىش، ئىشلىتىش، ئۇنۋان باھالاش، ئىش ھەققىنى تەقسىملەش، خىراجەتنى ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھوقۇقنى يەرلىك ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىش، ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىر» دە ئالىي مەكتەپ خادىملىرى ئومۇمىي سانىنى باشقۇرۇش يولىدا پائال ئىزدىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان ئىشتات باشقۇرۇش شەكلى سىياسەت ئاساسى ۋە ئىسلاھات يولى بىلەن تەمىنلەندى. «پىكىر» دە نۇقتىدا سىناق قىلغان ئالىي مەكتەپ خادىملىرى ئومۇمىي سانى جانلىق تەڭشەلدى. ئومۇمىي ساننى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ مۇناسىپ تەمىناتى ۋە كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا تەسىس قىلغان ئاپپاراتلاردا، ئالىي مەكتەپلەر ئاپپارات تەشكىللەپ مەمۇرىي دەرىجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر