باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى

2017.04.05 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ۋە ئاسپىرانت تەربىيەلەش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى يېقىندا «دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان نىزامى» 1981-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىسىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش تۈزۈمى ئورنىتىپ، جۇڭگوچە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۈزۈمى شەكىللەندۈردى. ئېلىمىزدە ھازىر دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىدىغان ئورۇندىن 402سى، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىدىغان ئورۇندىن 730ى؛ «دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش» بويىچە دوكتور تەربىيەلەيدىغان ئورۇندىن 35ى، ماگىستىر تەربىيەلەيدىغان ئورۇندىن 63ى بار.

  گوۋۇيۈەن ئۇنۋان كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن ئۇنۋان بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۈزۈمىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۆزلەپ، ئىلمىي ئۇنۋان ۋە كەسپىي ئۇنۋان بېرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىككى خىل ئۇنۋان بېرىشنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇش؛ ئۇنۋان بېرىشنى دائىملىق تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىشنى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىلمىي ئۇنۋان بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىسىنى ھەرىكەتچان تەڭشەشتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە ئايرىپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىلمىي ئۇنۋان بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە كۆپەيتىلگەن قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە ئېتىبار بېرىپ، ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىش، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىسىنى ھەرىكەتچان تەڭشەشتە ساقلانما قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا ئېتىبار بېرىپ، يىلدا بىر قېتىم قانات يايدۇرۇش؛ گوۋۇيۈەن ئۇنۋان كومىتېتى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۇنۋان كومىتېتى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدىغان ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ ئۇنۋان بېرىشنى تەكشۈرۈش دائىرىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئورۇنلار پىرىنسىپ بويىچە پەقەت ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ دائىرىسى ئىچىدە بولۇش، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىسى پىرىنسىپ بويىچە كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلگەن ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ئورۇنلىرىنىڭ يېڭى ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك.

  مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈپەت ئۆلچىمىنىڭ ئۇنۋان بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئېلىمىز ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇنۋان بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئىجازەت شەرتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلگىرىكى سانلىق كۆرسەتكۈچنى تەقسىملەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش ئورنى، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىسى ۋە ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان ئورۇنلار بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېخىمۇ تەپسىلىي، سەۋىيەسىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ئىلتىماس قىلىش ئاساسىي شەرتىنى بېكىتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر