خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە يېڭىدىن سايلانغان ۋە مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرىي لىنجىن يۆئې بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ لىنجىن يۆئېنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرلىقىغا سايلانغانلىقى ۋە تەيىنلەنگەنلىكىنى مۇبارەكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىز ھۆكۈمەتتە 36 يىل خىزمەت قىلدىڭىز، بولۇپمۇ شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتتە نۇرغۇن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدىڭىز، ۋەتەننى ۋە شياڭگاڭنى سۆيۈشتە مەيدانىڭىز مۇستەھكەم، سىز تىرىشچان، مەسئۇلىيەتچان، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىڭىز مول، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونتىرول قىلش ئىقتىدارىڭىز بار، شياڭگاڭ جەمئىيىتىدە سىز يۇقىرى ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپسىز، دۆلەت ۋە شياڭگاڭغا كۆڭۈل بۆلدىڭىز، كۈچ چىقاردىڭىز، مەسئۇل بولدىڭىز، مەركەزنىڭ باش مەمۇر ھەققىدىكى ئۆلچەملىرىگە ماس كېلىسىز. سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سايلانغانلىقىڭىز ئەمەلىي نەتىجىڭىزنىڭ مەھسۇلى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى