باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش تەشۋىقات خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەيلى

2017.04.11 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى 10- ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزى كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتى ئاساسىي مۇقامى ۋە خەلقنى مەركەز قىلغان خىزمەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مىلۇدىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش تەشۋىقات خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئېچىشتا، مۆلچەر مەزگىلىنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئىدىيەنى تۇراقلاشتۇرۇش، قەلبلەرنى تۇراقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، ئىلھاملاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە جامائەت پىكرىنى زورايتىش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار سۆزنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مول مەزمۇنى، ئىلمىي سىستېمىسى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھىلەپ، ئۇنىڭدىكى ماركىسىزىملىق مەيدان قارىشىغا سىڭدۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىزاھلاپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزنىڭ روھى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستىراتېگىيەسىدىن زور باش تېما تەشۋىقاتىنى ياخشى تەشكىللەپ، پارتىيە 18 –قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەرنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگو ھىكايىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھىكايىسىنى ياخشى بايان قىلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى «تۆت ئىشەنچى»نى چىڭىتىشىغا يېتەكلەش كېرەك. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزلەپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىسى جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلەش، توغرا يېتەكلەش، ئۈنۈملۈك يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۆلچەر مەزگىلىگە مۇۋاپىق يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ئورتاق تۇنۇشنى ئۆستۈرۈپ، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر