باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا 553 ئادەم قوبۇل قىلىنىدىكەن

2017.04.11 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەسپىي ئورۇنلار جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا ھالدا 553 خىزمەتچى خادىم تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىغان. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە بۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار 4- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ 4- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 18غىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار ئىمتىھانى تورىغا چىقىپ تىزىملاتسا بولىدىكەن.

  10- ئاپرېل، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى 11- ئاپرېل رەسمىي باشلانغان. «قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى» ۋە «ئىش ئورنى جەدۋىلى» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ تورى بېكىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان تورىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان ئىش ئورنى تۆت تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا A تۈرلۈك ئىش ئورنى (مائارىپ تۈرى)، B تۈردىكى ئىش ئورنى (داۋالاش-سەھىيە تۈرى،C تۈردىكى ئىش ئورنى (باشقا كەسپىي تېخنىكا تۈرلىرى) ۋە D تۈرلۈك ئىش ئورنى (قارا تېخنىكا تۈرى) دېگەندەك تۈرلەر بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر