باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا 2017- يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش نىسبىتى %35دىن تۆۋەن بولمايدىكەن

2017.04.07 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى بۈگۈن 2017- يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىش-ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان يول-يورۇق پىكرىدە ئېنىق قىلىپ، تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسەتكەن: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2017- يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئىمتىھانلىرىدا سوئال چىقىرىپ ئىمتىھان ئېلىشتا سۇئاللارنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇش ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىنى ئىقتىدارى جەھەتتىن تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ ئەلا سۈپەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ نىسبىتى تۈركۈم سانىنى تەقسىم قىلىش پىلانىدا ئىگىلىگەن نىسبەتنىڭ %50تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك؛ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى ھەر بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆتۈش پۇرسىتى %35دىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەت قىلىش، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە مايىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش لازىم؛ بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتە ئۆتۈشمە كۆۋرۈك بەرپا قىلىپ، يۇقىرى تېخنىكا بويىچە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىنىقى بولۇش كېرەك؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، نەتىجە چىققاندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇش كېرەك.

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەزكۇر پىكىردە دېيىلىشىچە، 2017- يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك ھەر تۈردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ كۆلىمى81 مىڭغا يېتىدىغانلىقى بېكىتىلگەن. بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرىدە داۋاملىق تۈردە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش خۇلاسە ئىمتىھانى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر