باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى ھۆججەت چۈشۈرۈپ ئۆي-مۈلۈك ئىشلىرىنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر بىلەن تەمىنلەش كۆلىمىنى تۇرالغۇ قالدۇقىغا ئاساسەن تەڭشەشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.04.07 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، يېقىنقى مەزگىللىك تۇرالغۇ ۋە يەر بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  تۇرالغۇغا يېرى بىلەن تەمىنلەشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، تۇرالغۇ يېرى بىلەن تەمىنلەشتىكى «بەش تۈرلۈك» تەڭشەش-تىزگىنلەشنى نىشانلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەش-تەلەپ زىددىيىتى گەۋدىلىك، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش بېسىمى يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ يېرى، بولۇپمۇ ئادەتتىكى تاۋار ئۆي يېرى بىلەن تەمىنلەش كۆلىمىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش؛ ئامبار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ۋەزىپىسى ئېغىر شەھەرلەردە تۇرالغۇ يېرى بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى ئازايتىش كېرەك. ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك زېمىن بايلىقى تارماقلىرى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش، كۆپەيتىش، تەڭلەشتۈرۈش، مۇۋاپىق ئازايتىش، ئازايتىش، توختىتىش قاتارلىق بەش تۈرلۈك تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانى بويىچە، شۇ رايون، شەھەر، ناھىيەنىڭ تۇرالغۇ يېرى بىلەن يىللىق تەمىنلەش پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.

  جايلار بەش يىللىق پىلان، شەھەر ئومۇمىي پىلانى، يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئېھتىياجنى مۆلچەرلەش ۋە سېلىنىۋاتقان، سېتىلىۋاتقان تۇرالغۇ كۆلىمى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، مەۋقەنى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە بايلىقى، مۇھىتى، نوپۇسى قاتارلىق چەكلەش شەرتىگە قويۇپ، تۇرالغۇ تەرەققىيات پىلانى ۋە يىللىق پىلاننى تېز تۈزۈپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك (بەش يىللىق) ۋە ئۈچ يىللىق تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى يېرىنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەر، ۋىلايەت، ئوبلاستلار تۇرۇشلۇق جايلار ۋە 1 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار ناھىيە (ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر) لەر تۇرالغۇ يېرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك (2017-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە) پىلانى ۋە ئۈچ يىللىق (2017-يىلىدىن 2-19-يىلىغىچە) دومىلاتما پىلاننى تۈزۈپ تاماملىشى ھەم جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

  تۇرالغۇ يېرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ تەكشى، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلار تاۋار ئۆي قالدۇق ئىستېمالىنىڭ دەۋرىيلىكىگە ئاساسەن، تۇرالغۇ يېرى بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى، قۇرۇلمىسى ۋە ۋاقىت تەرتىپىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا تەڭشىشى كېرەك. ئىستېمال دەۋرى 36 ھەپتىدىن يۇقىرى بولغان جايلارنى تەمىنلەشنى توختىتىش؛ 18 ئايدىن 36 ئايغىچە بولغان جايلارنى تەمىنلەشنى ئازايتىش؛ 6 ئايدىن 12 ئايغىچە بولغان جايلارنى تەمىنلەشنى كۆپەيتىش؛ ئالتە ئايدىن تۆۋەن بولغان جايلارنى تەمىنلەشنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە يەر بىلەن تەمىنلەش رىتىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر