باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇ چى يارىلىنىپمۇ يەنە مۇسابىقىگە قاتناشتى

شىنجاڭ كوماندىسى 91 گە قارشى 104 نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنىڭ مۇسابىقە نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدى

2017.04.06 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاپرىل كەچتە، CBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىسى گۇاڭدۇڭنىڭ دوڭگۇەن شەھىرىدە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ قەشقەر قەدىمي شەھەر كوماندىسى 91گە قارشى 104 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، ئومۇمىي نەتىجىدە 3:0 بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ مۇسابىقە نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدى.

  شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئادامىس ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بەشنى چۈشۈرۈپ، كوماندا بويىچە ئەڭ يۇقىرى 37 نومۇر ئالدى، ئۇندىن باشقا يەتتە پاس، ئۈچ تالىشىش، گاردىن قايتقان ئالتە توپنى ئالدى. بىلاتچې 25 نومۇر ئېلىپ، گاردىن قايتقان 10 توپ، ئۈستىدىن قاپلاپ توسۇلغان ئىككى توپ، تالىشىپ ئالغان بىر توپنى ئالدى؛ لى گېن 17 نومۇر ئېلىپ، ئۈچ تالىشىش، گاردىن قايتقان ئىككى توپ، ئىككى پاسنى؛ قىران بەكرى 11 نومۇر ئېلىپ، گاردىن قايتقان بىر توپنى تەقدىم ئەتتى. جۇ چى يارىلىنىپمۇ يەنە مەيدانغا چىقتى، گەرچە نومۇر ئېلىش جەھەتتە كۆپ تەسىرگە ئۇچراپ، يەتتە نومۇر، گاردىن قايتقان يەتتە توپ، ئۈستىدىن قاپلاپ توسۇلغان بىر توپ، ئۈچ پاسنى تەغدىم ئەتكەن بولسىمۇ، بىراق مۇداپىئە جەھەتتە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا كۆپ قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

  لى گېن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىملىق چېمپىيونلۇققا مەن بەك ئىنتىلىمەن، ئەلۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسىمۇ شۇنداق. بىز ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق، جۇ چى يارىلانسىمۇ يەنە مەيدانغا چىقىپ مۇسابىقىگە قاتناشتى، بىزمۇ ئۇنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلدۇق.

  7-ئاپرېل، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوماندىسى يەنە داۋاملىق قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ 4-مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ، يەنە قالغان تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر مەيدان يەڭسىلا، شىنجاڭ كوماندىسى چېمپىيون بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر