خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاپرېل خېلسىنكىدا فىنلاندىيە زۇڭلىسى سىبيلې بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار. ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئىقتىساد جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇقىم، ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى كۆپەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى موللاشتى، ئادىمىيەت ئالاقىسى جانلاندى، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئىشلاردا ياخشى ئالاقىنى ساقلىدى. جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەسى يۈكسەك ماس كېلىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ئىستىقبالى زور. جۇڭگو فىنلاندىيە بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېنېرگىيە تېجەپ، مۇھىت ئاسراش، شىمالىي قۇتۇپ ئىشلىرى، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى