باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى

2017.04.07 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. يىغىن قاتناشچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى مۇھىم سۆزلىرى ھەم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، يىغىندا، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خېبېي شيوڭئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى» يەتكۈزۈلۈپ، ئالاقىدار ھۆججەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇش-بىر مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى ۋە خېبېي شيوڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇش-بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىككى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، بېيجىڭنىڭ يېڭى ئىككى قانىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىدۇ؛ ئىدىيە، تونۇشنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. بىز بۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم.

  جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پىلاندىكى لايىھەگە ئاساسەن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شيوڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇش-يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا ئىقتىدارىنى پائال، مۇقىم، تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەستايىدىل، ئېھتىياتچان، ئىلمىي، دېموكراتىك سىستېمىلىق ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئارقىلىق چىقارغان بىر مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مەسئۇلىيىتى زور، مەجبۇرىيىتى شەرەپلىك، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ جاسارەتكە كېلىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر