باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل پۇتبول جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار 180 مەكتەپ ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن

2017.04.07 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى، شىنجاڭدا پۇتبول جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار 180 مەكتەپ ۋە مەكتەپ پۇتبولى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان بىر ناھىيە (شەھەر ۋە ئاپتونوم رايون) ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 15 مەكتەپ ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە: بۇ قېتىمقى ئىلتىماس قىلىشنىڭ دائىرىسى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ (ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر)گە يۈزلىنىشى، ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەر بىرلىك قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلۇپ مەلۇم قىلىنىشى، رايونلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ تۈرلىرى بويىچە ئومۇمىي سانى كونترول قىلىنىشى، تولۇق ئوتتۇرا-تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر 1:3:6لىك ئاساسىي نىسبەت بويىچە مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلۇشى، ياتاقلىق مەكتەپ ۋە توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرگە بۇ نىسبەت مۇۋاپىق ھالدا كەڭرەك قويۇپ بېرىلىشى، رايون بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ۋە مەكتەپ پۇتبولىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.

  پۇتبول جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ بۇ قېتىمقى ئىلتىماس قىلىشقا قاتناشسا بولىدىغان مەكتەپلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى جايلاردىن ئىبارەت: ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر