باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسمەن جايلاردا ماشىنىغا ئىشلىتىلىدىغان ماينىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇد

2017.04.07 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ھاۋا سۈپىتىنى ھەركەتچان تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى يەنە ئېلان قىلدى، 7 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جەمئىي 175 نازۇك ئورۇننى تەكشۈرۈپ، 87 مەسىلە بايقىدى، ئاساسلىق مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى دىزېل مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر. ئىككىنچى، لىنيەدىكى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىشتا ساختىلىق قىلىش ياكى نورمالسىز ھەرىكەتلىنىش ئەھۋالى يەنىلا مەۋجۇد، ئۈچىنچى، كارخانىلارنىڭ مۇھىت بۇلغاش قىلمىشى يېتەرلىك تىزگىنلەنمىگەن.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش داۋامىدا جايلاردا توپا چاڭ چىقىرىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بايقىدى.

  بۇنىڭدىن باشقا يەنە قسىمەن شەھەرلەردە ئاساسى قاتلام ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئېغىر بۇلغۇنۇشچان ھاۋا رايىغا جىددى ئىنكاس قايتۇرۇشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن، ئېغىر بۇلغۇنۇشچان ھاۋا رايىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش جىددى لايھەسى تولۇق ئەمەلىيلەشمەسلىك ئەھۋاللىرى پات پات يۈز بېرىپ تۇرغان، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى ئەڭ دەسلەپ يەرلىك ھۆكۈمەتكە ئىنكاس قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنى جىددى تۈزىتىش شۇنداقلا چەكلىك مۇددەتتە تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىشقا بۇيرىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر