باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى ۋاڭ شىجياڭ قاتارلىق ئىككى كىشى تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ

2017.04.07 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى ۋاڭ شىجياڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە.

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى دىلمۇرات غوپۇرجان ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە.

  ۋاڭ شىجياڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ۋاڭ شىجياڭ، ئەر، خەنزۇ، ئەنخۇي ۋۇخۇدىن، 1955-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، 1971-يىلى 3- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1981-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان.

  2008-يىلى 2-ئايدىن 2013-يىلى 2- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، رەئىس ياردەمچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە، 2003-يىلى 3-ئايدىن 2008-يىلى 3-ئايغىچە خېخەي ئۇنىۋېرسىتېتى گىدرولوگىيە ۋە سۇ بايلىقى كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، سانائەت پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان)؛

  2013-يىلى 2-ئايدىن 2015-يىلى 1-ئايغىچە، بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛

  2015-يىلى 1-ئايدىن 2016-يىلى 6-ئايغىچە، بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  دىلمۇرات غوپۇرجاننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  دىلمۇرات غوپۇرجان، ئەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ قەشقەردىن، 1963-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، 1984-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1996- يىلى 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان.

  2007-يىلى 9-ئايدىن 2015-يىلى 2- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە 2010- يىلى 2-ئايدىن 2012-يىلى 12-ئايغىچە ۋەزىپە بىلەن كەلپىن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان)؛

  2015-يىلى 2-ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر