خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاپرىل چۈشتىن بۇرۇن، قار ئېرىش خاراكتېرلىك كەلكۈننىڭ تەسىرىدە، نىلقا ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى ئۆلكە يولى 316-لىنىيەسىنىڭ 22 كېلومىتىرلىق بۆلىكىدە كەڭ كۆلەمدە تاغ گۈمۈرۈلۈش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، تاشيول ئۈزۈلۈپ قالدى، ھازىر تاشيول تارماقلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن جىددى رېمونت قىلماقتا.
نەچچە كۈندىن بۇيان توختىماي يامغۇر يېغىش سەۋەبلىك، بۇ يولدا ماڭغان ئاپتوموبىللارمۇ ئاز بولۇپ، ھادىسە يۈز بېرىپ كەچ سائەت 19غىچە بولغان ئارىلىقتا ھېچقانداق ئۆلۈش، يارىلىنىش خەۋىرى بولمىدى.
تاشيول تارماقلىرى مۇنداق بىلدۈردى: تاغ گۈمۈرۈلۈش دائىرىسى چوڭ بولۇش، يەر شەكلى مۇرەككەپ بولۇش سەۋەبلىك، ھەرۋاقىت ئىككىنچى قېتىملىق گۈمۈرۈلۈش خەۋپى بار، شۇڭا قاتناش ئەسلىگە كېلىدىغان ۋاقىتنى ۋاقتىنچە بېكىتكىلى بولمايدۇ. نىلقا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، قاتناش ساقچى تارماقلىرى نىلقىدىن كۈنەسكە ماڭغان ئاپتوموبىللارنى بۇ يولدا ماڭماسلىققا، ئارقىسىغا قايتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، شۇڭا شوپۇر دوستلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان يول ئۇقتۇرۇشىغا دىققەت قىلىشىنى سورايمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى