باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تاماملاندى

2017.04.07 11:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى 3410 تۈردە، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تاماملانغان، قىسمەن تۈرلەرگە خېرىدار چاقىرىلغان ياكى ئىش باشلانغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى تاشيول قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە بالدۇر ئىش باشلاپ، ۋاقتىدا تاماملاشقا ياخشى ئاساس سېلىنغان.

  «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 1 تىرىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش، 2017-يىلى 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش پىلانلانغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تاشيول تۈر قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلەتكەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 3410 تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى ئىچىدىكى 3174 تۈردە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان (%93نى ئىگىلەيدۇ)، 1565 تۈردە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەت تاماملانغان (%46نى ئىگىلەيدۇ)، 413 تۈردە سودىگەر چاقىرىپ ئىش باشلانغان (%12نى ئىگىلەيدۇ)؛ 3223 يېزا تاشيولى، بايلىق يولى، ساياھەت يولى قاتارلىق يەرلىك يول قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئىچىدىكى 2994 تۈردە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەت قانات يايدۇرۇلغان، 1517 تۈردە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەت تاماملانغان (%47نى ئىگىلەيدۇ)، 377 تۈردە سودىگەر چاقىرىپ ئىش باشلانغان (%11.7نى ئىگىلەيدۇ)؛ 54 يولۇچىلار بېكىتى، يۈك مەيدانى تۈرى ئىچىدىكى 47 تۈردە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەت قانات يايدۇرۇلۇپ، ھازىرغا قەدەر 11 تۈردە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەت تاماملانغان (%20نى ئىگىلەيدۇ)، ئۈچ تۈردە سودىگەر چاقىرىپ ئىش باشلانغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر