باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش تارماق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى: كەسىپ تەسىس قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىشتە تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى

2017.04.07 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6-ئاپرېل مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ، ئىشتات، ئىش ئورنى، ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىش، ئۇنۋان باھالاش، مائاش تەقسىماتى، خىراجەت ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا، ھۆكۈمەت يەرلىك ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مەكتەپلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركەز ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىشىپ «ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ زور پەن تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇنۋان بېرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپلەردىن يېڭىدىن ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىشتا تەربىيەلەش يىل چەكلىمىسى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بېكىتكەن. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ، ساھە ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، پەن ۋە كەسىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تولۇق دەلىللىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كەسىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان يېڭى كەسىپلەرنى تەسىس قىلىشىنى قوللىغان.

  پىكىردە ئالىي مەكتەپ خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئومۇمىي مىقدار بويىچە باشقۇرۇلىدىغان خادىملارنى مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىلەندۈرۈش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئىچكى ئاپپارات تەسىس قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى ئىچكى ئاپپاراتلارنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىشىنى ياخشىلاش جەھەتتە، پىكىردە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى، پەن قۇرۇلۇشى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆز ئالدىغا تەكلىپ قىلىش ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش شەرتى ۋە ئۆلچىمى تۈزۈپ، ئۆز ئالدىغا ئىختىساسلىقلارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلسا بولىدىغانلىقى، ھۆكۈمەت ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ خادىملىرىنى تەكلىپلىك ئىشلىتىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى ئورۇنلاشتۇرمايدىغانلىقى بېكىتىلگەن.

  پىكىردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاش مېخانىزمىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئۇنۋان باھالاش ھوقۇقىنى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىش بېكىتىلگەن، بۇ مەمۇرىي تارماقلارنىڭ ئالىي مەكتەپ پىروفېسسور ۋە دوتسېنت ئۇنۋانى باھالاش ھوقۇقىنى تەستىقلاش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ تەلتۆكۈس ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان باھالاش ئۇسۇلى ياخشىلانغان. ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق ئىپادىسىنى باھالاش-تەكلىپ قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، ئوقۇتۇش نەتىجىسىنىڭ باھالاش-تەكلىپ قىلىشتا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئاشۇرغان.

  ئوقۇتقۇچىلار، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، پىكىردە جۇڭگوچە زامانىۋى ئالىي مەكتەپ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مائاش تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئۈنۈم مائاشى ئومۇمىي مىقدارى ئىچىدە يىللىق مائاش تۈزۈمى، كېلىشىم مائاش، تۈر مائاشى قاتارلىق جانلىق، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى ۋە تەقسىمات چارىسىنى قوللىنىش بېكىتىلگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر